يېڭى ئايفون ئەپ Mavistanbul ئېلان قىلىندى

mavistanbul s_icon

ماۋى ئىستانبۇل ساياھەت شىركىتى10 يىلدىن بېرى تاشقى سودا، توقۇمچىلىق، قۇرۇلۇش ساھەسىدە پائال خىزمەت قىلىۋاتقان Mavi Dar Dokuma Tekstil, İnşaat, Ithalat Ihracat, Turizm Ltd. Şti شىركىتىنىڭ بىر تارماق شىركىتى شەكلىدە ساياھەت مۇلازىمىتى كەسپىدە كەڭ ساياھەتچىلەرگە خىزمەت بەرمەكتە بولۇپ، مەزكۇر ئەپ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئورگان ئەپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] قىرىم تاتار قىزى جامالانىڭ چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ناخشىسى – 1944

 jamala

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ يىللىق ياۋرۇپا بۇيىچە خېلى تەسىرى بار چوڭ تىپتىكى سەنئەت مۇسابىقىسى بولغان 2016 ياۋرۇۋىزيون( ياۋروپا تېلېۋىزىيە تورى) ناخشا مۇسابىقىسىدە، 1944-يىلىدىكى قىرىم تاتارلىرى پاجىئەسىگە ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى «1944» بىلەن بۇ يىللىق مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونىغا ئايلاندى. بۈگۈن ھۇزۇڭلارغا سۇنىدىغىنىم مۇشۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە – ئىنگىلىزچە قوش خەتلىك نۇسخىسىدۇر.

ئۇيغۇربەگ بلوگى سابىق ئۇسلۇبى چەكلىك تارقىتىلىدۇ

newUyghurbeg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بىلگىنىڭلاردەك، قاتىل پرېستاننىڭ قولىدىن چىققان ئۆز ئۇسلۇبۇم «ئۇيغۇربەگ»نى ئىشلىتىپ كەلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، بۇ ئارىلىقتا بۇ ئۇسلۇبنى سورىغانلار كۆپ ئىدى، ئەمما ھېچكىمگە بەرمىگەن ئىدىم. يېڭى ئۇسلۇبقا كۆچكەنلىك مۇناسىۋىتىم بىلەن بۇ ئۇسلۇبنى چەكلىك مىقتاردا تارقىتىشنى ئويلاشتىم.

ئۇيغۇربەگ كەسپى مۇلازىمەتلىرى

Web-Design-Style-Guides-shutterstock_338977574-Axsimen

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، بۇرۇن بىر يازما يوللاپ تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلالمايدىغانلىقىم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدىم. يېقىندا ئوقۇش ۋە خىزمەتنىڭ ئىشى بىرەر قۇر بېسىققاندىن كېيىن، توردۇنياسىغا قايتىپ كېلىشكە مۇيەسسەر بولدۇم، شۇنداقلا بىكار ۋاقىتلىرىمدا قولۇمدىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى تۈر ۋە ساھەلەر بۇيىچە كەسپى مۇلازىمەت قىلىشنى قارار قىلدىم.

يېڭى ئايفون ئەپ ئەپچىلەم تۇخۇمدىن چىقتى

epchilem-app

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئۇيغۇر قېرىنداش. دۆلەت ئ‍ىچى – سىرتىدىكى قېرىنداشلار شۇ تاپتا، ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى،  ئۇيغۇر لاتىن يىزىقى ۋە ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى قاتارلىق ئۈچ خىل يېزىقنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، كەمىنىنىڭ ئىزدىنىشى ئاستىدا چىققان مەزكۇر ئايفون ئەپ ئەپچىلەم بولسا دەل مۇشۇ ئۈچ خىل يېزىقنىڭ خالىغان بىرىدىكى تېكىستلەرنى باشقا ئىككى يېزىقتىكى تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ياردەمچى قورالدۇر.

نۆلدىن باشلاپ iOS ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش خىيالىدا بارلارغا(3): تەۋسىيە دەرسلىك ۋە بېكەتلەر

banner-ios-developer-course-1

ئالدىنقى يازمىمىزدا بىز لازىملىق كىتاب ۋە بىر قىسىم تەييارلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم. ئەلۋەتتە، كىتاب بىلەنلا قالماي يەنە بىر قىسىم زۆرۈر دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقىشىمىزمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا ئاساسلىقى مەن ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچراتقان ھەمدە ماڭا نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇسىمەن.

ئەپچى ۋە لايىھەلىگۈچى ئۈچۈن يېڭى ئەپ فونتزار قازناقتىن چىقتى

fontzar-appp

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز مېھمان. فونتزار – مەخسۇس ئەپ ۋە توربېكەت ياسىغۇچى شۇنداقلا لايىھىلىگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان بولۇپ، يەتمىشدىن ئارتۇق لايىھە ۋە توربېكەت – ئەپ قۇرۇلىشىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇھىم ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ ئايفون ئەپىدىكى ئۈنۈمىنى ئەپنىڭ ئىچىدىلا كۆرۈپ، لايىھە ۋە توربېكەت – ئەپ قۇرۇلىشىنىڭ ئىھتىياجىغا قارىتا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە فونت تاللىشىغا ياردەمچى قورال بۇلالايدۇ.

WordPress تەرجىمە قىلىنمايۋاتىدۇ، قانداق قىلىمىز

blog-image-5

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار. بىلگىنىڭلاردەك، WordPress سېستىمىسى ئۇيغۇر بلوگداشلار شۇنداقلا بىر قىسىم تور بېكەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ھەمدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر ئوچۇق كودلۇق توربېكەت سېستىمىسى بولۇپ، دۇنيادىكى توربېكەتلەرنىڭ 2015-يىلى قۇرۇلغان 10 مىليون توربېكەتنىڭ 23.3%تى مۇشۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان(ۋىكىپېدىياغا قاراڭ). مەزكۇر سېستىمىنى ئەڭ باشتا ياپونىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇرشىدى ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە تەرجىمە ئىشىنى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى…